پېتېر پېيس خىتايلارنىڭ ھەربي خىراجىتى جەھەتتە ئوچۇق‏ - ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى


2007.06.04

ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پېتېر پېيس دۈشەنبە كۈنى مالايسىيادا، خىتايلارنىڭ ھەربي خىراجىتى جەھەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: "بىز ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شۇنداق بولغاندا بىز ئۇلارنىڭ نېمە قىلىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز" دېدى.

بەش بۈرجەكلىك بىنا ئالدىنقى ئايدا، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي پىلانى ۋە ھەربى كۈچى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىگە يوللىغان ئىدى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان 43 مىليارد دوللارلىق ھەربىي خامچوتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئىككى ئۇچ ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھەربىي مۇددىئاسىنىڭ نەدىن- نەگىچە ئىكەنلىكى ھەققىدە شۈبھىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئەمما، بۇ ھەپتە ئاخىرى سىنگاپوردا ئېلىپ بېرىلغان بىخەتەرلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس، "بىز خىتاينى ھەربىي خامچوتى جەھەتتە ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشقا ئۈندەۋاتقان پەيتلەردە يەنە، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۈمىدۋار بولۇشقىمۇ سەۋەبلىرىمىز بار" دېگەن ئىدى.

ھالبۇكى، دۈشەنبە كۈنى مالايسىيادا، پېتېر پېيس "ئامېرىكا- خىتاينىڭ ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە" گېيتسنىڭ بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ پېيسنىڭ مالايسىياغا قىلغان تۇنجى سەپىرى بولۇپ، ئۇ مالايسىيانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مالايسىيادىن ئايرىلىدۇ.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.