خىتاي ھازىر ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرەققى قىلدۇرماقتا


2007.05.16

ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بومبىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئاۋىئاماتكىلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئىقىتىدارىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ھازىر تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بومبىلىرىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر تېخنىكىسى سەپلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

16- ماي فرانسىيە ئاگېنتلىقى ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى شۇنداق ئۆزگەرتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ بولسا، ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىچىدىكى تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان توقۇنۇشقا تەييارلىقى كۆرۈش ئىكەن.

ياپونىيىدىكى كونسېرۋاتىپ گېزىت سانكېي شىمبۇننىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئاخباراتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھازىر تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا مۇساپىلىق دوڭفېڭ -21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق بايقاش سېستىمىسى سەپلىمەكچى بولۇپ، بۇ تېخنىكا بومبىلارنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا دەل تېگىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

دوڭفېڭ -21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 2 مىڭ 150 كىلومېتىر بولۇپ ھازىرغىچە 100 دانە بومبا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئانالىزچىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا ھۇجۇم قىلالايدىغان يىراق مۇساپىلىك دوڭفېڭ-41 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ئىكەن.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.