خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.01.11

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇلار يەنە ئامېرىكىنى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ۋە ئالاقە ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئالاقە 2001‏- يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئايرۇپىلانى بىلەن بىر خىتاي ھەربىي ئايرۇپىلانىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ ھەربىي ئالاقىسىدا ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلدى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى خىتاينى، ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ بولۇپمۇ يادرو بومبىلىرىنى ياساش جەھەتتىكى رۇشەنلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا چاقىردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە، ھەربىي ئالاقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدىكى ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ رىقابەتچىسى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.