ئامېرىكا ئاۋسترالىيىدە ھەربىي بازا قۇرماقچى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جان خوۋارد (John Howard) ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىدە ھەربىي بازا قۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىككى ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىي رايونىدا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاۋسترالىيىدە بازا ۋە ياكى ھەربىي تەلىم -تەربىيە مەركىزى قۇرىدىغانلىقى، مەن قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدىغان بىر ئىش، دېدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جان خوۋارد ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئافغانىستان ۋە ئىراققا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن.

ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى برادشاۋ رايونىدا سى 17 قاتارلىق چوڭ ھەربىي يۈك توشۇش ئايروپىلانلىرى چۈشەلەيدىغان ئايرودرومغا ئىگە بىر ھەربىي بازا ياسايدىكەن ھەمدە ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي شىمالىيىدىكى يامپى سوند رايونىدا ئىككى قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارىدىكەن.

ھەربىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بازا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەرىكەت قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە چىققان يەرلەرگە تېزدىن ھەربىي قىسىم ۋە قورال-ياراق يۈتكىشى ئۈچۈن ناھايىتى چوك قولايلىق يارىتىدىكەن.

ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى، خىتاينى چۈچۈتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان ھەربىي بازىلارنىڭ چوڭلىقى ۋە دائىرىسى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. (قانات)