بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىك ھەققىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات پىلانىنى ئاقلاپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلدنىڭ خىتاي ھەربىي ئىشلىرىنى زىيادە مەخپىي تۇتماقتا، دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا " جۇڭگو ئارمىيىسى مۇداپىئە خاراكتېرىگە ئىگە. بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىمىز يوق . بىز باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالمايمىز " دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد ھەپتە ئاخىرى سىنگاپوردا چاقىرىلغان مۇداپىئە يىغىنىدا، خىتاينى ھەربىي تەرەققىيات پىلانى ۋە ھەربىي خام چوتىنى زىيادە مەخپىي تۇتۇش بىلەن ئەيىبلگەن. خىتاي بۇ يىل 3 - ئايدا 2006 - يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 5.12 % ئۆستۈردى ۋە ھەربىي خام چوت سوممىسىنى 30 مىليارد دوللارغا چىقاردى. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتىنى 75 مىليارد دوللاردىن 100 مىليارد دوللارغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا.

ليۇ جيەنچاۋ ، " ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگونى تەنقىد قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس " دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، خىتاينى " باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىي يوق، دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي 1949 - يىلدىن بېرى چەتئەل زېمىنلىرىدا " ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش" دىگەن ناملار بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش قىلغان ۋە خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سالماقتا. بۇ ئۇرۇشلار 1950 - يىللاردىكى كورىيە ئۇرۇشى، 1960 -يىللاردىكى ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشى ۋە 1979 - يىلدىكى ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەركىن)