ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2005.04.28

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىللىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەت دەل ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسى ئېشىۋاتقان، خىتاي بىلەن ياپونىيە، تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچىيىۋاتقان، شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىنغا، خىتاي تەرەپتىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى شۇڭ گۇئاڭكەي يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئامېرىكا تەرەپتىن بولسا، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوگلاس فەيىس باشچىلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

بۇ، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئالاقىسى 2001 - يىلى ئاپرىلدا يۈز بەرگەن ئىككى دۆلەت ئايرۇپىلانىنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسى سەۋەبىدىن توختاپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۆتكۈزگەن ئۈچىنچى قېتىملىق دۆلەت مۇداپىئە سۆھبىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.