راند شىركىتى: خىتاينىڭ ھەربىي ئىلغارلىقى ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى
-
2006-01-15 -
-
-
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئاقىللار گوروھى بولغان راند شىركىتى يېقىندا دوكلات چىقىرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئامېرىكا ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كۆپچىلىكنى خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتى قالاق دەيدىغان قاراشنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
راند شىركىتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بىر قاتار نازۇك ۋە ئىلغار قوراللارنى ياساش ۋە لايىھىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ ھەربىي پاراخوتلارنى ياساش جەھەتتىكى تېخىكىسىنىڭ ئويلىغاندىن كۆپ ئىلغارلىقىنى ئەسكەرتتى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زور ئېشىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي خىراجىتىنى توختىماي ئاشۇرغان ھەمدە رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرگۈزگەن ھەربىي تېخنىكىلاردىنمۇ ئوبدان پايدىلىنىۋالغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا "خىتاي تەھدىتى" دەيدىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ "خىتاي تەھدىتى" نەزىرىيىسىگە قارشى چىقتى ھەمدە خىتاينىڭ ھەربىي پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكىدىن كۆپ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالدى
- مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىشى كېرەك
- ئەنگلىيە تەتقىقات ئورنى: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت
- خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى، خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، دېدى