خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خام چوت توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى ۋە خىتاي ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ يىتەرلىك ئاشكارىلانمايۋاتقانلىقىغا دائىر مەزمۇنلارنى رەت قىلدى.

خىتاي تەرەپنىڭ باياناتى رەئىس خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ زىيارەت جەريانىدا پرېزىدېنت جورجى بۇشقا تەيۋەن مەسىلىسى بويىچە بېسىم ئىشلىتىشى مۈمكىن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتىنى " جۇڭگونىڭ ئىچكى - تاشقىي سىياسىتىگە ئاساسسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە باھا بېرىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش" بىلەن ئەيىبلىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى " كونىچە ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش" تىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان ۋە ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئاشكارىلاشقا ئۈندىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتنى يەنە 14 % ئۆستۈرگەنلىكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بىئارام قىلغان ئىدى. (ئەركىن)