ب د ت، سۈرىيىدىن ھەررىرى دىلوسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىششىنى تەلەپ قىلدى


2005.10.31

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى بىردەك قارار ماقۇللاپ، سۈرىيىدىن لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رافىق ھەررىرىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش دىلوسىنى تەكشۈرىۋاتقان ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بولمىسا، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقى بىلەن، غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھىسىدىكى سۈرىيىگە ئىقتىسادىي جازا قوللۇنۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن.

ب د ت نىڭ ھەررىرى دىلوسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ھەپتە دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ۋە لىۋاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ رافىق ھەررىرىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش دىلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن بۇ قارار لايىھىسىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنىدىكى قارارىدا، سۈرىيىدىن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان گۇمانلىق ئەمەلدارلارنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلىتىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. قاراردا يەنە " ئەگەر سۈرىيە رافىق ھەررىرىنىڭ دىلوسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ھەمكارلاشمىسا، ئۇ ھالدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۈچ كېلىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.