ھىندونېزىيىدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا


2005.03.30

ھىندونېزىيىدىكى 8.7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەرلىك خەلقلەر ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەردە قامىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان نىياس ئارىلى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقان. شۇنداقلا بۇ يەردىكى ھايات قالغان كىشىلەرمۇ ھازىر سۇ ، ئاشلىق ۋە ماددىي بويۇملارغا جىددىي ئېھتىياج بولماقتا.

بۇ ئارىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيىگە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە 140 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ رايونلاردا ھازىرغىچە ئەگەشمە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بۇ رايون 12 - ئايدا يۈز بەرگەن سۇنامى دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ھىندونېزىيىدىلا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.