ھىندىستان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى
2004.09.30
ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاي تەرەپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن ئەلچىخانا ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىنى چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن. بىراق ئالاقىدار دائىرىلەر تېخى بىرەر خەۋپنىڭ بارلىقىنى بايقىمىغان. (ئارزۇ)
©
2004 Radio Free Asia