ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىمنامە ھىندىستان بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك قوراللارنىڭ تاقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئاسىيا قىتئەسىدە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستان بىلەن ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشدا، ھىندىستاننىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . (قانات)