ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې 22 - ئاۋغۇست كۈنى ھىندىستان دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنزو ئابې 'ياپونىيە-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى' دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى 'ئاسىيا ئەركىنلىك-باياشاتلىق يېرىم چەمبىرىكى' نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتىگە، ياپونىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد-سودا مىنىستىرى ماساكازۇ تويوتا يېتەكچىلىكىدىكى مىتسۇبىشى، تويوتا، كانون، خىتاچى قاتارلىق 4 چوڭ شىركەتنىڭ 200 دىن ئارتۇق مەسئۇللىرى قاتناشقان. ھىندىستان سودا مىنىستىرى كامال ناتنىڭ ئېيتىشىچە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، يېڭى دېھلى-مومباي سانائەت بەلۋېغىنى خۇددى توكيو-ئوساكا ئىقتىسادىي بەلۋىغىدەك گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ خىل كېلىشىم تۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېلەر 5 يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسە ئاشۇرىلىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنزو ئابې ھىندىستان دۆلەت مەجلىسىدە، 2000 - يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتوندىن كېيىن نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنزو ئابې گەرچە خىتاي دېگەن نامنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇلاھىزىچىلەر ئۇنىڭ نۇتقىنى خىتايغا قارىتىلغان دەپ قارىماقتا.(ۋەلى)
