مۇشەررەف ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى
2005.04.17
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بىلەن پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف يەكشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ئۇچرىشىپ، كەشمىر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئىللىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ تەسۋىرلىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىڭ ۋە مۇشەررەف ئىككى سائەتچە داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىدىغان تىنچلىق ۋاستىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان.
بۇ ۋاستىلار، سودا ئالاقىنى ۋە چېگرا قاتنىشىنى كۈچەيتىش، قىسمەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى چېگرىدىن كەينىگە چېكىندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ قېتىمقى زىيارەت، پەرۋىز مۇشەررەفنىڭ 2001 - يىلىدىكى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ھىندىستانغا قىلغان تۈنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ يىل ئاۋال، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر مەسىلىسى سەۋەبىدىن چېگرىلىرىغا قوشۇپ يۆتكەپ، توقۇنۇشۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئىدى.
پەرۋىز مۇشەررەفنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە تۈنجى قېتىم رايوندىكى تېررورچىلىقنى توسۇش ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەن. مۇشەررەف پاكسىتان تېررىتورىيىسىدە ھىندىستانغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاكىستاننى بازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەشمىرنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە ياكى پاكىستانغا قوشۇش يولىدا 15 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بۇ رايوندا 66 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (ئارزۇ)