ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پويېزدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىر 200 گە يەتتى. شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان دائىرىلىرى ھازىر بومباي ۋە پايتەخت يېڭى دېھلىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ئالاھىدە چىڭىتتى. بۇ ئارىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
ھىندىستان دائىرىلىرى بومباي شەھىرىدىكى پويېز ئىستانسىلىرىدا بىر ۋاقىتتا دېگۈدەكلا 7 قېتىم پارتلاش كۆرۈلۈپ، پويېز سېستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقە كەشمىردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى بومباي ئاھالىسىنى خىزمەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەپ، " ھىندىستاننى ھېچنېمە تىز پۈككۈزەلمەيدۇ" دېدى. ھىندىستان دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇ پارتلاش ھۇجۇمى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيەردە ۋە قايسى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىكەن.
ئامېرىكا دائىىرلىرى بۇ تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ھىندىستانغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان تەرەپمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ، ئۇنى " رەزىل تېررورلۇق ھەرىكەت" دەپ سۈپەتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بومباي كۆپ قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پارتلىتىش ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى. (پەرىدە)
