ھىندىستاندىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى


2007.08.25

شەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ھەيدەرئاباد شەھىرىدە، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى پارتىلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتىلاشلارنىڭ بىرى شەھەردىكى لۇمبىنى باغچىسىدا يەنە بىرى باس-باس بىر بازار بولغان كوتى بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن. كوتى بازىرىدىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 17 كىشى ۋە لومبىنى باغچىسىدىكى پارتلاشتا بولسا ئۈچ كىشى ئۆلگەن.

ئىككى يىلىدىن بىرى ھىندسىتاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا بىر قاتار پارتىلتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2006‏- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ھىندىستاننىڭ مومباي شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ پارتىلتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ پاكىستاندىكى رادىكال مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.