ھىندىستان بىلەن خىتاي تۈنجى قارار ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنى باشلىدى
2005.01.24
ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ھېسابلانغان ھىندىستان بىلەن خىتاي دۈشەنبە كۈنى تۈنجى قارار "ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت" نى باشلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋىي بىلەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيام ساران يېڭى دېھلىدا ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتنى باشلىغان. ئۇلارنىڭ مەزكۇر سۆھبىتىنىڭ ئېنىق كۈنتەرتىپى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش، خەلقئارا تېررورچىلىق ۋە رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ يەنە بىر مەقسىتى خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا ھىندىستانغا قىلىدىغان سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ئىكەن.
ھىندىستان بىلەن خىتاي 1962 - يىلى چېگرا مەسىلىسى سەۋەبىدىن توقۇنۇشقاندىن كىيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سوغۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇشقا تىرىشماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى
- ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتى ۋە خىتاي ھىندىستان مۇناسىۋىتى
- ھىندىستان كەشمىردىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- ھىندىستان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى