خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتلەر بولغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىر قەدەر ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگىنى باشلاپ، ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش يوشۇرۇن كۈچى ئۈستىدىمۇ سۆھبەتلەشتى

ئۇزۇندىن بېرى مۇناسىۋىتى يىرىك بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى نېمىلەرنى مەقسەت قىلغان ۋە ۋە بۇ ئارقىلىق نېمىلەرگە ئەرىشىشى مۇمكىن؟ تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق غەربىي تىنچ - ئوكيان تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور لى شياۋبىن ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە نېمە كۆز قاراشتا؟

بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.