ھىندىستان خىتاي شىركىتىنىڭ مۇمبايدىكى پورت ياساش پروگراممىسىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلدى
ھىندىستان دائىرىلىرى بىر خىتاي شىركىتىنى مۇمبايدىكى يۈك چۈشۈرۈش پورتىنى ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يول قويمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا بىخەتەرلىك ئامىللىرى سەۋەپ بولغان ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بۇ پورتنى ياساش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان 10 شىركەت بار بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا پەقەت خىتاي شىركىتىلا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن. قالغان 9 شىركەتنىڭ ئارىسىدا ياپونىيە ۋە دۈبەيدىكى پورت ياساش شىركەتلىرىدىن باشقا يەنە، تەيۋەن شىركىتىمۇ بار ئىكەن.
ھىندىستان دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ پەقەت مۇمبايدىكى بۇ پورتنى ياساشقا قاتنىشىشىلا چەكلەنگەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ پۈتۈن ھىندىستان تەۋەسىگە قارىتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ پورتقا يېقىن جايدا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيە بازىسى بار ئىكەن.
ھىندىستان تەرىپىدىن چەكلەنگەن بۇ خىتاي شىركىتى ھازىرغىچە مەزكۇر خەۋەرنى ئېتىراپ قىلمىدى. شۇنداقلا ھىندىستانغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە 1962- يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن سوغاق مۇناسىۋەتلەردىن كېيىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە بىر قاتار ياخشىلىنىشلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارىسىدا يەنىلا بىر-بىرىگە قارىتا گۇمان مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدىكى نادۇلا تاغ ئېغىزىدا 40 نەچچە يىلدىن بۇيان تاقالغان چېگرا بازىرى ئېچىلدى
- خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ 4 چوڭ سانائەت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتتى
- ھىندىستان ۋە خىتاي قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈردى
- خىتاي - ھىندىستان چېگرا سۆھبىتى " ئەڭ قىيىن باسقۇچ" قا كىردى