ھىندۇنېزىيىدە بەش نەپەر خىتاي زەھەر ئىشلەپچىقىرىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

29 - ماي، بەش نەپەر خىتاي، ھىندۇنېزىيىدە يەرئاستى زاۋۇت قۇرۇپ زەھەرلىك "باش چايقاش كۇمۇلىچى" يەنى ( گىلدىڭ باش كۇمۇلىچى) ئىشلەپچىقارغانلىقى ئۈچۈن، ھىندونېزىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

ب ب س نىڭ 30 ‏- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ زاۋۇتقا چېتىشلىق جەمئىي 7 نەپەر ئادەمگە ئۆلۇم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر فرانسىيىلىك ۋە بىر نەپەر گوللاندىيىلىك بار بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زاۋۇتنىڭ خام ئەشيالىرىنى خىتايلار تەمىنلەيدىكەن، لېكىن باشقا ئىككى نەپەر ياۋروپالىق بولسا تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ئىكەن.

ھىندۇنېزىيىلىك بىر تەپتىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيىبكارلار قۇرغان بۇ زاۋۇت ھازىرچە جەنۇبى ئاسىيادا بايقالغان ئەڭ چوڭ زەھەرلىك "باش چايقاش كۇمۇلىچى" ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ، ھەپتىسىگە 11 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بىر مىليون تال تابلىت ئىشلەپچىقىرالايدىكەن.

مەزكۇر ئەيىبكارلارغا ئۆتكەن يىلىلا جىنايەت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەمما جازا بۇ يىل 29 - ماي ئىجرا قىلىنغان.

ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى باياناتچىسى چۈشەندۈرۈپ، بۇ دېلو خەلقئارا جىنايەتچىلەر تورىغا چېتىلىدۇ، ئەھۋالى بەك ئېغىر، شۇڭا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇق، دەيدۇ. (جۈمە)