دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە ئادام ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ Boeing 373 نومۇرلۇق ئايروپىلانى زاۋادىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ھادىسىگە يولۇققان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئايرۇپىلاندا جەمى 102 نەپەر يولۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 11 ئى ياش ئۆسمۈر بالىلار ئىكەن.
سەيشەنبە كۈنى بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىسىدە 12 نەپەر يولۇچىنىڭ ئامان قالغانلىقى يېزىلغان لېكىن بۇ ئۇچۇرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىدى.
يەر يۈزى كونترول قىش خادىملىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مەزكۇر جاينىڭ ھاۋارايى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. مەزكۇر ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق يولۇچى تا ھازىرغىچە، ئىز -دېرەكسىز قالغان. (مېھرىبان)
