ھىزبى تەھرىرنىڭ جاكارتادىكى يېغىلىشىغا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى
2007.08.12
ھىزبى تەھرىر يەنى ئازاتلىق پارتىيىسى ناملىق رادىكال ئىسلامىي ھەرىكەت تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ پايتەختى جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا 80 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ھىزبى تەھرىر مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن دۇنيادا ئىسلام خەلىپىلىكىنى قايتىدىن تىكلەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ھىزبى تەھرىرنىڭ ھىندۇنېزىيىدىكى باياناتچىسى ئىسمائىل يۇسانتو، يېغىلىشنىڭ ئىچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام خەلىپىلىكى گۇمران قىلىنغاندىن بېرى تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇستەملىكىچىلەر بىزنى 50 ئايرىم دۆلەتكە بۆلۈپ، ھەر بىر دۆلەتتە ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىپ قويدى، دېگەن.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بىر بايراق ئاستىغا يىغىشنى مەقسەت قىلغان ھىزبى تەھرىرى ھەرىكىتى 1953- يىلى پەلەستىندە قۇرۇلغان. نۇرغۇنلىغان ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھىزبى تەھرىر ھەرىكىتى ۋە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھىندۇنېزىيىدە ھىزبى تەھرىر ھەرىكىتى تەسىر دائىرىسى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە.
بەزى غەرب دۆلەتلىرى ھىزبى تەھرىرنىڭ رادىكال ئىسلام مىلىتانتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ھىزبى تەھرىر مەسئۇللىرى، ھەرىكەتنىڭ تىنچلىقنى تەرغىب قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ۋە رادىكال ئىسلامىي ئېقىملار بىلەن مۇناسىۋىتى يۇقلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
جاكارتا شەھىرىدىكى يىغىلىشقا مۆتىدىل كۆز قاراشتىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما ھىزبى تەھرىر مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى، يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەرنىڭ ھىندونېزىيگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تالىبانلار بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملاشماقتا
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىك ئايالنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تاپشۇرۇشى ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم قىلماقتا
- گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى قۇتقۇزۇش مەسىلسىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى
- پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 9 كىشى ئۆلدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى
- ئەلقائىدىچىلەر پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋىدىئو خەۋىرى تارقاتتى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان يەنە بىر كورىيىلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى