گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى
2008.01.17

2008-يىلى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلاشقانسېرى ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ئاۋاز كۈچەيمەكتە. ھەمدە بۇ جەھەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
بولۇپمۇ خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىلىرى خىتاينى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە لايىق ئەمەس بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تەرەپلەردۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىمۇ خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر مەسىلە سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىنماقتا .
پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە "خىتاي ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە لايىقمۇ؟" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنازىرە يىغىنىدا ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى رەئىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ دىققەت قوزغىغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىسى بەختىيار ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىتىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا ساقچى: تېررورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن
- ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- گوللاندىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى
- ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ب د ت دا سۈرۈشتۈرۈلمەكتە