گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى


2008.01.18

گوللاندىيىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ھەققىدىكى يۇمۇلاقئۈستەل يىغىنى خىتاينىڭ گوللاندىيە باش ئەلچىسىنى خېلىلا بىئارام قىلدى. باش ئەلچى شۆ خەنچىڭ شۇ كۈنى گوللاندىيە de Volkskrant گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئولىمپىك يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ يىغىندا "خەلقئارا سىياسى مەسىلىلەر بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇلدى. بىز ئولىمپىك پرىنسىپلىرىغا توغرا كەلمەيدىغان بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەندۈرۈشنى قوبۇل قىلمايمىز،" دەيدۇ.

پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئولىمپىك يىغىنى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىم ۋېرخاگېن، گوللاندىيىلىك چولپان ئەرىك فون ميۇزۋېنكېل ھەم گوللاندىيىكى ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە فالۇنگوڭ ۋەكىللىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار، كۆپچىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە گوللاندىيىلىك چولپان ئەرىك فون ميۇزۋېنكېل بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە , يىغىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېرخاگېن، ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ناچارلىشىپ كېتىشتەك ئەھۋالدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى، سۆھبەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "ئەگەر سىز سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىسىڭىز ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بىز بۇ مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ. ۋېرخاگېن، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى ۋە ئېچىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىشكە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويۇۋاتقان مەۋجۇت سىياسىتى ئاستىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئولىمپىك روھىغا خىلاپ، دەپ قارىماقتا.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.