خىتاي ھوللىۋۇد رېژىسسورىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
2008.02.14
مەشھۇر ھوللىۋۇد فىلىم رېژىسسورى ستۋېن سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى دەرھال بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، "دارفۇر مەسىلىسى بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىر - بىرىگە چېتىۋېلىش ئولىمپىك روھىغا خىلاپ،" دەپ بىلدۈردى.
رېژىسسور ستىۋېن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇردا 200 مىڭ ئادەمنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان پاجىئەنى پەيدا قىلغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى "سىياسەت بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىش، ئولىمپىك روھىغا خىلاپ"دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان ستۋېننىڭ، " مەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچتىم " دەپ جاكارلىشى، ئەلۋەتتە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتسە، ستىۋېننىڭ، دارفۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتاينىڭ ئويناۋاتقان رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى، خىتاينىڭ يالغۇز ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دەستەك بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىندى
- ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئولىمپىكتا سىياسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق تەكلىپى بەرگەن
- نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىدە تۇرمىدى
- ئولىمپىككە يېرىم يىل قالغان پەيتلەردە خىتاي ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- خىتايدا ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسى تېخىمۇ ئېغىر تەقىپ ئاستىدا
- ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىمىدى
- ئۇيغۇر بوكسيور مۇھەممەد تۇرسۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- " ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ "