شوتلاندىيە مىنىستىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز ئاچتى
2004.10.13
خىتايغا بەش كۈنلۈك زىيارەتكە بارغان شوتلاندىيىنىڭ باش مىنىستىرى جەك ماككونېل (Jack McConnel) خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شوتلاندىيىدە چىقىدىغان خېرالد گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ماككونېل خىتايغا بېرىشتىن بۇرۇن، شوتلاندىيىدىكى قارشى پارتىيىلەر ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنىڭغا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈستىدە سۆز ئېچىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن.
خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماككونېلغا يەنە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى تۇنىيازنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مىنىستىر ماككونېل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەييارلىغان دوكلاتلارنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۈي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتكە ئېلىپ كىرىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىش، تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇشقا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماككونېلنىڭ خىتايدىكى ئىپادىسىدىن خۇشال بولۇپ، "ماككونېل ناھايىتى ئوبدان قىلدى. بىز باشقا سىياسونلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى. (پەرىدە)