بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى


2004.11.21

چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 21 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئاساسلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن سودىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

شەنبە كۈنى سانتىياگودا باشلانغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە خەلقئارا سودىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە تېمىسى قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش شەنبە كۈنى يەنە يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ يەنىلا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇش يەنە تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى سۆھبەتتە يەنە تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى ۋە شىمالىي كورىيە يادرو كرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.