خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، "جۇڭگو - رۇسىيە بىرلەشمە باياناتى" قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم مەزمۇنى سىياسى, دىپلوماتىيە، ئېنېرگىيە ۋە پۇل - مۇئامىلە ساھەلىرىگە چېتىلغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە نېفىتىنى خىتايغا توشۇيدىغان سىبىرىيە نېفىت تۇرۇبىسى 5 يىل ئىچىدە قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى سېرگېي پرىخودكوۋ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەت تارىخىدىكى " ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلدى" دەپ تەرىپلىدى. ئىككى تەرەپ خىتاي - رۇسىيە تاشقىي سودا ھەجىمىنى 2010 - يىلغىچە ھازىرقى 29 مىليارد دوللاردىن بىر قاتلاشنى پىلانلىماقتا.
خىتاي، رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال - ياراق خېرىدارى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە دېموكراتىيىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرۇش سېپىدىكى ئىتتىپاقدىشى. پۇتىن بېيجىڭدا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " دېموكراتىيىنى مەجبۇرىي ئېكسپورت قىلىش، مەدەنىيەت ئۆلچىمى ۋە قىممىتىنى باشقىلارغا تېڭىش" توقۇنۇشلارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسۋىتىنىڭ كېلەچىكى كەڭ ۋە پارلاق " دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان تاشقىي سىياسەت دوكلاتىدا، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ئىسلاھاتىنى قايرىپ قويغانلىقىدىن ۋەھىمە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينى كىشىلىك ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)