خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2005.07.01
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى موسكۋادا ئۇچرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى شۇنداقلا ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
ۋالدىمىر پۇتىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ئىختىلاپلارنىڭ ئاساسەن ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " بىز ھەربىي ئالاقىمىز شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە ھەۋەس قىلىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسدىكى پىلانىنى تىلغا ئالدى. ئۇ،" خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەردىكى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ب د ت ئىسلاھاتى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز كۈچەيمەكتە،" دېدى. ئۇ، " تەيۋەن ۋە چېچىنىيە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىمىز،" دەپ ئەسكەرتتى.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى شۇ كۈنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، " ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە چەتتىن كىرگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسى شەكىللەرنى تېڭىش قوبۇل قىلىنمايدۇ،" دەپ جاكارلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىككى دۆلەت قوشما ئاخباراتىدىكى " كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خىزمىتىنى باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشكە بولمايدۇ،" دېگەن ئىبارىلەر ئامېرىكىغا قارىتىلغانكەن.
سىبىرىيە - داچىڭ نېفىت تۇرۇبا پىلانى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نوۋوسىبىرسكتىكى زىيارىتى سىبىرىيە- داچىڭ نېفىت رۇرۇبىسىغا ئالاقىداركەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى
- خۇ جىنتاۋ تېخىمۇ كۆپ نېفىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن قازاقىستانغا بارماقچى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شوتلاندىيىدىكى G8 لەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
- خىتاي، ش ھ ت غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى " تېررورچىلىققا قارشى" ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى