خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى


2005.09.04

ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن كاچىنا دېڭىز چاپقۇنى ئاپىتى سەۋەبىدىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاق ساراينىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ شەنبە كۈنى تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، ئىككىلا تەرەپكە ئەپلىك ۋاقىت بولغاندا ئاندىن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانغا كېلىشكەن.

ئۇلار يەنە، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئاپەت توغرىسىدا پاراڭلاشقان. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئاپەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلماقچى بولغان بۇ سەپىرى، ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ بۇ يەردىكى زىيارىتى داۋامىدا، چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.