خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى تورونتوغا يېتىپ كېلىپ، كانادادىكى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان كاناداغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ بۇ يەردىكى مەزگىلىدە يەنە، خىتاي بىلەن كانادانىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.
خىتاي كانادانىڭ ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ سودا شىرىكى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى كانادا بىلەن يېقىندىن بۇيان سودا ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە نۇرغۇن كېلىشىملەرنى تۈزۈشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇنىڭ بۇ قېتىملىق كانادا زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىن ۋە باشقا ھۆكۈمەت ۋە سودا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىغىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىدىكەن.
خۇ جىنتاۋ ئەسلى كانادادىن يېنىپ نيۇ-يوركتىكى ب د ت يىغىنىغا كەلگەندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن دېڭىز چاپقۇنى ئاپىتى سەۋەبىدىن بۇ پىلان ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇردى. (پەرىدە)