خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادا باش ۋالىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2005.09.09

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادانى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر چاغدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كانادا ئەمگەك ئىتتىپاقى، تىبەتلەر، فالۇنگوڭ ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئوتتاۋادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىندىن خۇ جىنتاۋغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى، "ھازىر كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي ئىپادىلەش زامانى كەلدى" دەپ تەكىتلىگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى كانادا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەت توختى، كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەتتىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش، قورقۇتۇشنى توختىتىش ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

كانادا باش مىنىستىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، مەن ئىقتىساد بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئوتتۇرىسىدا سودىلاشمايمەن، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ مەسىلە سۆھبەت تېمىسىنىڭ باش كۈنتەرتىبىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پائۇل مارتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ، بۈگۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خۇ جىنتاۋنى پەيشەنبە كۈنى كانادا باش ۋالىسى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.