ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى نيويوركتا كۆرۈشتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر سائەتچە داۋاملاشقان سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت رەھبىرى شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، جورج بۇشقا ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۈركۈلۈشلىرىنى ئازايتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئامېرىكا، خىتاي بىلەن بولغان سودا تەتۈر بالانىسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىدى.
خۇ جىنتاۋ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنى كۆپەيتىش ھەققىدە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرېزىدېنت جورج بۇشتىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
بىراق، جورج بۇش باياناتىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. كېيىنرەك، ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى مايىك گىرۈن، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.
گىرۈننىڭ بىلدۈرىشىچە، پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان ئۇچرۇشىشىدا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇش خۇ جىنتاۋغا كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم دىلولارنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، جورج بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن نيويوركتىكى مېھمانخانىنىڭ سىرتىدا، بىر تەرەپتە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى، فالۈنگۇڭچىلار، تىبەتلەر خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن، يەنە بىر تەرەپتە بىر قىسىم خىتاي مۇھاجىرلىرىنى ئۇنى قارشى ئالغان بولۇپ، مەيدان ئىنتايىن قالايمىقان بولغان.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپى بويىچە، بۇ يىل نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئارزۇ)