ۋېيتنامنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ زىيارىتىنىڭ 2 - كۈنى ۋېيتنام پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، ئاسىيا ئەللىرىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرەققىياتىدىن قورقماسلىققا ئۈندىدى.
خىتاي، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى بىردىن - بىر يىتەكچىلىك ئورنىغا قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقان بىر چاغدا خۇ جىنتاۋ، ئاسىيا ئەللىرىنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىپ، "جوڭگونىڭ تەرەققىيات يولى تىنچلىق ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ھەمكارلىق،" دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "جوڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچنەرسىگە توسالغۇ بولمايدۇ، ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ. ئەكسىنچە تىنچلىق ، مۇقىملىق ۋە يەر شارىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق."
ئەمما خۇ جىنتاۋ، نۇتۇقىدا ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى يىتەكچىلىك ئورنىغا قارشى خىتاينىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رول ئويناش غەرىزى بارلىقىدىن بىشارەت بەردى. ئۇ، " جوڭگو كۆپ قۇتۇپلىشىش، يەر شارىلىشىش ۋە دۇنيادا ئادىل سىياسى- ئىقتىسادى سېستىما قۇرۇشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ،" دەيدۇ. خۇ جىنتاۋ، "جوڭگودىكى زور ئۆزگۈرۈشلەر جوڭگونىڭ ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات يولىغا ماڭغانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىقتىسادى - سىياسى تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئاسىيادىكى خوشنىلىرىنى بولۇپمۇ ۋېيتنامنى جىددى ئەندىشىگە سالماقتا ئىدى. ۋېيتنام، 1979 - يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ۋېيتنام پايتەختى خانوينىڭ بوسۇغىسىغىچە بېسىم كەلگەن ئىدى.
خۇ جىنتاۋ ھازىرغا قەدەر ۋېيتنام پارلامېنتىدا سۆز قىلغان 3 - چەتئەل دۆلەت رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)