خۇ جىنتاۋ ئەنگلىيىدە تونىي بىلېير بىلەن ئۇچراشتى


2005.11.09

ئەنگلىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلېير بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتلەشتى.

ئۇلار يەنە سۆھبەت جەريانىدا 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە سودا كېلىشىمى تۈزدى. بۇ مەزگىلدە تىبەت ۋە فالۇنگوڭ پائالىيەتچىلىرى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بىناسىنىڭ ئالدىدا بايراق ۋە لوزونكىلارنى كۆتۈرۈپ، شۇئارلارنى توۋلاشقان ھالدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

تونىي بلېيرنىڭ باياناتچىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت سودىسى، ھاۋا-كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلقئارا بىخەتەرلىك، نامراتچىلىقنى يوقىتىش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن. تونىي بلېير خۇ جىنتاۋغا يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ سۆز ئاچقان.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنىڭ، سوغاق ئۇرۇشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئانالىزچىلار بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئەنگلىيىگە بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە سۆز ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

شۇنداقلا خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت ئىئى ئويۇشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشقان چېغىدا، خىتاينىڭ چوقۇم دېموكراتىيىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي تەرەققىياتىنىڭ ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن قوش ھوسۇللۇق ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.