خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى


2005.11.13

گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى ئىسپانىيىگە يېتىپ كەلدى.

خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئىسپانىيە پادىشاھى خۇئان كارلوس ۋە باش مىنىستىر خوسېي زاپاتېرولار بىلەن كۆرۈشمەكچى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى ئىسپانىيىگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئىسپانىيە بىلەن سودا، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە بىر يۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزىدىكەن.

ئىسپانىيە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ ياۋروپادىكى زىيارىتى جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن تۈرلۈك قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى. ئۇ بارغانلىكى دۆلەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭ پائالىيەتچىلىرى نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

خۇ جىنتاۋ گېرمانىيىدىكى مەزگىلىدىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىگىدە 100 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر بېرلىندا، تىبەت، موڭغول ۋە فالۇنگوڭچىلار بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى.

شۇنداقلا شەنبە كۈنى كەچتە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىتتا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ھەمدە ئۇلار يەنە دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىسپانىيىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.