خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولدى


2005.11.14

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ گېرمانىيىدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئىسپانىيىگە يېتىپ كېلىپ ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە توختىدى. بۇ ئارىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىمۇ داۋاملاشتى.

خۇ جىنتاۋ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، گېرمانىيىنىڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن سانائەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىك مەسىللىرىنى تەكىتلىگەن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق يالغۇز غەرب ئەللىرىگە خاس بىر قىممەت قارىشى بولماستىن، خىتاينىڭ قەدىمقى پەلسەپەلىرىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىسىنىڭ تەرىپلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ مادرىد شەھىرىگە يېتىپ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەمدە مەركىزى ئىسپانىيىدىكى تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار مادرىدتىكى مەركىزىي مەيداندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يەنە دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.