خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى
2005.11.15
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىسپانىيىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغۇچىلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى.
خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىد شەھىرىدە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى زاپاتېرو بىلەن جوڭگو - ئىسپانىيە سودا سانائەتچىلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى بولۇپ 50 دەك كىشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈردى.
نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن بىرگە، خۇ جىنتاۋنىڭ تەخمىنەن بىرەر يۈزدەك قوللىغۇچىسىمۇ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. ئەمما خۇ جىنتاۋنى تەنقىد قىلغۇچىلار، قوللىغۇچىلارنى خىتاي ئەلچىخانىسى پۇل بېرىپ يىغىپ كەلگەن، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا ئىسپانىيە باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار يەنە جىنايەتچىلەرنى ئۆز- ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئەمما ئىسپانىيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان شەخسلەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ، بۇ يەردە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلاريىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولدى
- خۇ جىنتاۋ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- خۇ جىنتاۋ شرېدۆر ۋە ماركىللار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- خۇ جىنتاۋ ئەنگلىيىدە تونىي بىلېير بىلەن ئۇچراشتى