خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سىياتىل شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ بۇ دۆلەتتىكى 4 كۈنلىك زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىل گايتىس بىلەن كۆرۈشتى ۋە بوئېن شىركىتىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىغان تۇنجى تۈرىنى باشلىدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئايرۇپىلانى سىياتىل شەھىرىنىڭ 48 كىلومېتىر سىرتىدىكى پېينفىلد ئايدۇرۇمىغا قونغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلار ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدىكى ئىلتىماسىغا بۇيسۇنمىغان تىبەتلىكلەر ۋە تىبەت ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

ئۇنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا پۇقرالىرىدا، سودا- سانائەت ساھەسى ۋە سىياسەت مۇنبىرىدە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق دۆلەت بولىدىغانلىقىغا قارىتا گۇمانلار كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت بۇش بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ئۇچرىشىدۇ. لېكىن بۇش ئۇنىڭغا دۆلەت زىياپىتى بەرمەسلىكى مۇمكىن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، سودا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، نېفىت - ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ، ئىران، شىمالىي كورىيە، تىبەت مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە چېتىلىشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭ ئۈچۈن خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا قەدەم قويغاندا ئۇ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە فالۇنگوڭنىڭ نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پرېزىدېنت بۇشتىن، خۇ جىنتاۋنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا قىستاشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)