خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ، فرانسىيە پرېزىدېنتى جاڭ شىراكتىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي كېڭىشىدە سۆز قىلغان ئىككىنچى چەت دۆلەت رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كىئۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش مەسىلسىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىتىگە قارشى بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەر تاشلاۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇجىنتاۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە سودا ساھەسىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى. خۇ جىنتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ماراكەش زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.(قانات)