خۇ جىنتاۋ كېلەر ھەپتىدە رۇسىيىنى زىيارەت قىلماقچى


2007.03.19

دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ 26‏- مارت كۈنىدىن 28‏- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىز پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيىدە خىتاي يىلى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەمدە بىر خىتاي كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

گەرچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەمدە كەلگۈسىدە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىقتسادىي، سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئەڭ كۆپ جىدەل ۋە رىقابەتلىشىشنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھەتتا بەزى مۇلاھىزىچىلەر، ئاخىرىقى كۈنلەردە، بولۇپمۇ رۇسىيىنىڭ شەرقىي رايونىدا خىتايلارغا قارىتا باشلانغان ھۇجۇملارنى ۋە خىتايدا رۇسىيىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى جىدەل ۋە رىقابەتلەرنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.