خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەنگىلىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
-
2005-11-08 -
-
-
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئاستىدا ئەنگىلىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ زىيارەت جەريانىدا ئەنگىلىيە دائىرىلىرى بىلەن سودا، يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
خۇ جىنتاۋ لوندونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خانىش ئىلزابىت ئىئى نىڭ بۇككىڭخام سارىيىغا بارغىچە تىبەت ئازاتلىقى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغان 600 دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى. خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى بېيجىڭدا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ دۆلەتتىكى زىيارىتى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. بلايىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىدىغان رەسمىي سۆھبىتى سودا، يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە " خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش" قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تونىي بلايىر، خۇ جىنتاۋ لوندونغا كېلىشنىڭ ئالدىدا ، خىتاي رەھبىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زىمىن، 1999 - يىلى ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئەنگىلىيىگە ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىگەن ئىدى. (ئەركىن)