چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرى خۇ جىنتاۋ ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ھارپىسىدا، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋاڭ دەن ۋە ۋاڭ جۈنتاۋ، خۇ جىنتاۋ ئۈستىدىن ئامېرىكىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 4 - ئىيون تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ۋاڭ دەن ۋە دېموكراتىك زات ۋاڭ جۈنتاۋ، خۇ جىنتاۋنى زىيانكەشلىك قىلىش ۋە تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ،8 - سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى يەرلىك سوتقا ئەرز سۇنغان.

ئۇلار ئەرزىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى تەيۋەننىڭ ئىشپىيونى دەپ سۆز- چۆچەك تارقاتقانلىقى ھەمدە پاسپورتلىرىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتىشقا يول قويمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھالبۇكى، خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە نيويوركتا ئۆتكۈزىلىدىغان ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشىدۇ.

خۇ جىنتاۋ نۆۋەتتە مىكسىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ كانادادا بولغان. ئۇ شەنبە كۈنى كانادانى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ، يەرلىك فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى خۇ جىنتاۋغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى. (ئارزۇ)