خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى، پاكىستاندا ئېلىپ بارىدىغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ خىتاي دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەزكۈر دۆلەتكە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنيەت ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
بۇ ئارىدا پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسى بۇيىچە ئۆز - ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى يادرو سانائىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ پاكىستاننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ، ھىندىستان بىلەن خەلق ئىگىلىكى يادرو ئەسلىھەلىرى كېلىشىىمى تۈزدى. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پاكستان دەرھال بېيجىڭ بىلەن يادرو جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە پاكىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماقۇللىغان كېلىشىملىرىگە گۇمان بىلەن قارىغان ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ يىرىكلەشكەن.
نۆۋەتتە خىتاي پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، خىتاي يەنە پاكىستاننىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ئالاھىدە ياردەم كۆرسەتمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى
- بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ كورىيە يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەسىلىسى ئۈستىدە تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى
- خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى بۆلگەن فالۇنگوڭچى ئايال سوتقا چىقتى