خۇ جىنتاۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى، پاكىستاندا ئېلىپ بارىدىغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ خىتاي دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەزكۈر دۆلەتكە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنيەت ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

بۇ ئارىدا پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسى بۇيىچە ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى يادرو سانائىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ پاكىستاننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ، ھىندىستان بىلەن خەلق ئىگىلىكى يادرو ئەسلىھەلىرى كېلىشىىمى تۈزدى. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پاكستان دەرھال بېيجىڭ بىلەن يادرو جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە پاكىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماقۇللىغان كېلىشىملىرىگە گۇمان بىلەن قارىغان ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ يىرىكلەشكەن.

نۆۋەتتە خىتاي پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، خىتاي يەنە پاكىستاننىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ئالاھىدە ياردەم كۆرسەتمەكتە. (ئەقىدە)