خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بېرى 2 - قېتىم رۇسىيىنى رەسمى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خۇ جىنتاۋ موسكۋا ئايدۇرۇمىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جوڭگو رۇسىيە بىلەن سىياسى ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم زىيارەت سەپىرىنىڭ 1 - بېكىتىكەن. ئۇ، رۇسىيىدىن كېيىن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ موسكۋادىكى زىيارىتى خىتاينى تېخىمۇ كۆپ رۇسىيە نېفىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىگە قىلىش، دەپ كۆرسەتمەكتە. خۇ جىنتاۋنىڭ "ئىزۋېستىيا" گېزىتىگە تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ بىلەن موسكۋا نېفىت تۇرۇبىسى، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قېزىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. خۇ جىنتاۋ شۇ كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇنىڭ موسكۋا سىرتىدىكى داچىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاي - رۇسىيە باشلىقلار سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. رۇسىيە بىلەن خىتاي 8 - ئايدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

"كومىرسانت" گېزىتى، موكسۋانىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقى غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۈردە توسايدىغان كۈچكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. (ئەركىن)