خۇ جىنتاۋ ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن كۆرۈشۈشكە شەرت قويدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ريۇتارو خاشىموتو بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەگەر ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشنى توختاتسا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ خاشىموتوغا " جۇڭگو - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دوستانە ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ- مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن " دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە، " ئەگەر ياپونىيە رەھبىرى A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپنە قىلىنغان ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشنى توختاتسا، مەن جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياپونىيە رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمەن " دەپ سۆزلىگەن.

نۆۋەتتىكى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى، توكيۇ بىلەن بېيجىڭ 1974 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرىقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى, خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ سەۋەبىنى ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە. ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىغا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتايغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان ۋە يىراق شەرق ئۇرۇش جىنايەتچىلەر كوللىگىيىسىدە سوتلانغان ياپونىيە ھەربىي قوماندانلىرى دەپنە قىلىنغان ئىدى. لېكىن ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلماقتا.

كويزۇمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياسىكونۇنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىدى بۇ يەردىكى ئۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تارىخىي ساۋاقنى ئەستە تۇتۇش، ئىكەن. خاشىموتو جۈمە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا " ياپونىيە بىلەن جۇڭگو سىياسى ۋە جامائەت پىكىرى جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە " دەيدۇ. (ئەركىن)