خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
2008.01.19
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان داڭلىق "گۇۋاردىيان" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا جامائەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، ھەتتا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقى، تەكىتلەنگەن.
17-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە قاراتقان بېسىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ 1980- يىللاردىكىدىنمۇ ناچارلاشقانلىقى، بۇرۇن خىتاي يازغۇچىلىرى ۋە شائىرلىرىنىڭ بەلگىلىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشى چەكلەنگەن بولسا نۆۋەتتە، تىلغا ئېلىشى چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ سانى تولىمۇ كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە، خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجىمائى ھوقۇقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر، خىتايدا قەلەم تەۋرىتىشكە بولمايدىغان مەسىلىلەر نىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدا ئورۇن ئالغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكر بايان قىلغانلارنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى، تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە، " ياۋا كەپتەر" ناملىق قىسقا ھېكايە يازغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇر مەمەت ياسىننىڭ ھېكايىسىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىش دەپ، تەبىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا
- خەلقئارا ساقچى: تېررورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن
- ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى