خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادانى، مەھسۇس ۋەكىل ئېۋەتىپ خىتاي تۈرمىسىدىكى پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىردى


2007.04.27

پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا ھۆكۈمىتىنى، ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ئۈندىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا ئىشخانىسىنىڭ باش كاتىپى Alex Neve، " ئوتتاۋانىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتا ھەمكارلىشىدىغان ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىشى بەك مۇھىم" دېگەن.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا Alex Neveمۇنداق دېگەن: "ئالاھىدە ئەلچى بولسا، تەجرىبىلىك، ئىشەنچىلىك ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدا ئالاقىسى بار بولغان، خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ يول ئاچالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك".

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mckay ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ھۆكۈمگە يىقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: "ھۈسەيىن جېلىل خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا خارلانغان، بەلكىم قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن" دەپ بېيجىڭنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى "تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش"كېلىشمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

27 ‏- ئاپرىل فرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، ھۈسەيىن جېلىل 2001- يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاينىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى، ئۇ كانادا پۇقراسى بولغان مىنۇتلاردىن باشلاپلا ئىناۋەتتىن قالىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.