0:00 / 0:00
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يىي ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ھۆسەيىن جېلىل دېلوسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ دېلونىڭ كونسول ھوقۇقى مەسىلسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جاڭ يىي يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە جازالىشىنى چۈشۈنىشى ۋە بۇنى قوللۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.